Abdulla Yasin Songs

แชร์
ฝัง
  • เผยแพร่เมื่อ 21 ต.ค. 2024

ความคิดเห็น • 8

  • @dutartheworld
    @dutartheworld  3 วันที่ผ่านมา +6

    In the early 1980s, following decades of cultural revolution, Uyghur music began to revive from a period of devastation. A pivotal catalyst for this revival was a cassette tape by Abdurehim Ehmedi. Born in the Uyghur homeland, Ehmedi relocated to Uzbekistan around 1962. At that time, he already was most well known super star of Uyghur land. His music again played a crucial role in the resurgence of modern Uyghur music. Ehmedi’s cassette became incredibly popular, with many listeners claiming that his songs brought them happiness and hope.
    It was during this period that Abdulla Yasin embarked on his singing career. Deeply inspired by Abdurehim Ehmedi, Yasin admired his music passionately. Through countless hours of listening and practice, Yasin mastered Ehmedi’s voice and style. Over his 40-year career, Yasin became renowned for performing Ehmedi’s songs. After Ehmedi’s passing, Yasin earned the nickname "The Living Abdurehim Ehmedi" for his remarkable rendition of the late singer’s work.
    In this video, I’ve gathered seven songs performed by Abdulla Yasin. All of these songs were initially sung by Abdurehim Ehmedi. These songs continue to captivate listeners. Let’s enjoy them together.
    Timestamps:
    00:00 - Sanga Xushtar
    03:56 - Tenlirim Yapraq
    08:17 - Yaru
    17:39 - Qiynap Bashlidi
    22:23 - Ochmes Chiraq
    25:44 - Zohre Janim
    30:12 - Oymaq
    33:32 - Yaru (Dutar Version)
    40:28 - Interview with Abdulla Yasin

  • @samiopitt3818
    @samiopitt3818 วันที่ผ่านมา +3

    Ажайип чирайлик бизнин нахшимиз

  • @AbduqahhorShermatov-t9r
    @AbduqahhorShermatov-t9r 3 วันที่ผ่านมา +5

    Ижро учун рахмат. 🎉🎉🎉

  • @dutartheworld
    @dutartheworld  3 วันที่ผ่านมา +7

    ئۇيغۇر ناخشىچىلىقى 80- يىللارنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ يېڭى بىر باھارىنى كۈتىۋالدى . مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ زۇلۇم سىتەملىرىدە يۈرىگى ئېزىلگەن خەلق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ قىممىتىنى ئاستا - ئاستا تونۇشقا باشلىغاندىن كىين، قۇرۇپ كەتكەن مەنىۋىيەت بۇلاقلىرىنىڭ قايتىدىن جانلىنىپ ئاققان ئاۋازىنى ئاڭلىدى . يۈرەكلەر قايتىدىن ياشاردى، سازەندىلەر قوللىرىغا ساز ئالدى. شائىرلار ھەش - پەش دىگۈچە ئۆزگىرىش بۇلۇۋاتقان رىئاللىقنى مەدھىيلەپ دىھقان ئاكا باي بولدى، قازان چۈمۈچ ماي بولدى دىگەندەك بىر سادانى كۈتۈرۈپ چىقىپ، ئەمدى ئاچ يالىڭاچلىقتىن قۇتۇلغان خەلق-ئاممىسىنىڭ ھاياتىنىڭ بەخىتلىك بىر دەملەرگە قاراپ ئالغا سىلجىۋاتقانلىغىنى يازدى. ئىجادكارلار گۈرۇپىسى ئۆزىنىڭ ئىيتالمىغان ناخشىلىرىنى قايتىدىن ئىيتىشقا، ھاياتى كۈچكە تولغان ھىسياتىنى ئارامسىزلىق ئارلاشقان ئۈمىت بىلەن سىناق قىلىشقا باشلىدى . رادىئو ئاڭلاپ تاياق يىگەن، ناخشا ئاڭلىغانلىغى ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچۇرىغان كىشىلەر، ساز چالغانلىغى ئۈچۈن قوللىرى كېسىلگەن سازەندىلەرنىڭ ھەسرەتلىك تارىخلىرى تېخى تولۇق ئېسىدىن كۈتۈرۈلمىگەن خەلق ھازىرقى ھاياتىغا بىر ئېشىنىپ بىر ئىشەنمەي، يەنە ھەۋەس ۋە ئشىقنىڭ ئىشارىتى بىلەن جانلىنىشقا باشلىدى.
    مانا مۇشۇ دەملەردە ئابدۇرېھىم ئەھمەدىنىڭ ئۈنئالغۇ لىنتىسى دىيارىمىزغا كىرىپ كەلدى . بۇ ناخشىلار ئاساسەن ئازاتلىقتىن بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان ناخشىلار بۇلۇپ، ئابدۇرېھىم ئەھمەدى ئۆزبىگىستاندىكى بىر ئوركىستىرنىڭ ھەمكارلىششى بىلەن تاشكەنىتتە ئاۋازغا ئىلىنغان ئىدى. ئابدۇرېھىم ئەھمەدىنىڭ ناخشا ئوقۇشتىكى يۈكسەك ماھارەت، ناخشا بىلەن موزىكىنىڭ جىپىسلىششى قاتارلىق جەھەتتە ئاجايىپ يۇقىرى سەۋىيىدە ئورۇندالغان بۇ لىنتىنى ئاڭلاش شەرىپىگە ئىرىىشكەن ھەر قانداق ئۇيغۇر ئۈزىنى بەخىتلىك ھىساپلايتى. چۈنكى ئۇ دەۋىرلەردە تىخى دىيارىمىزنىڭ ناھىيە يىزىلىرىدا توك ئومۇملاشمىغان بولغاچقا، رادىئۇغا مۇراجىئەت قىلىش خەلىقمىزنىڭ بىردىن بىر ئىمكانىيتى بۇلۇپ قالغاندى . ئۇ ناخشىلارنىڭ تېكسىتى خەلىق قوشاقىلىرىدىن باشقا، ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تېكىسىتلىرىگە ئىشلەنگەن ئاھاڭلار ئىدى . بۇ پىلاستىنكىدا ئىزى قالغان ئوغلانلاردىن تۇرغۇن ئالماس، زىكىرى ئەلپەتتا، قۇددۇس غۇجاميارۇفلار بۇلۇپ، ھەممىسى ئەلنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن قەھرىمانلار ۋە خەلىق سۆيگەن سەنئەتكارلارنىڭ غۇرۇر سادالىرىدىن پۈتۈلگەن ئىجاد جەمگاھى بۇلۇپ قالغاندى . شۇڭا بۇ لىنتا دىيارىمىزغا كىرىش بىلەن خەلىقنىڭ روھيىتىدە ئاجايىپ كاتتا سىلكىنىش پەيدا قىلدى . ئۇيغۇر تۇرمۇشى رادىئۇ دەۋرىدىن بىر پەللە ھالقىپ ئۈنئالغۇ دەۋىرگە كىردى . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ناخشىچىلار ئۆزىنىڭ مەخسۇس لىنتىسىنى ئىشلەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
    ئابدۇللا ياسىن دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىنى باشلىدى. ئابدۇللا ياسىن ئابدۇرېھىم ئەھمىدىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ، توختىماي تىرىشىپ ئۈگەندى ۋە ئابدۇرېھىم ئەھمەدىنىڭ ئاۋازى ۋە ئۇسلۇبىدا ناخشا ئوقۇشنى مەشق قىلدى. ئابدۇرېھىم ئەھمىدى 1962-يىللىرى ئەتراپىدا سوۋىت ئىتپاقىغا چىقىپ كىتشتىن بۇرۇنلا، ئاللىقاچان پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ئىدى. سەكسەنىنجى يىللار باشلىرى، تىلىۋىزىيە تېخى كىرمىگەن ئۇ دەۋرلەردە كىشىلەر ئابدۇرېھىم ئەھمەدىنىڭ سەھنىدە ناخشا ئېيتقىنىنى قايتا ئاڭلاشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتى. بۇ مومكىنسىزلىكنى ئازراق بولسىمۇ پەسەيتىش ئۈچۈن ئابدۇللا ياسىن سەھنىلەردە ئابدۇرېھىم ئەھمەدىنىڭ ناخشىلىرىنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسلۇبتا ئوقۇشنى باشلىدى. ئۈچتۇرپاندا، شۇنداقلا ئاقسۇدىكى شەھەر، يىزا-بازارلاردىكى كونسىرتلاردا ئابدۇرېھىم ئەھمەدىنىڭ ناخشىلىرى ياڭراشقا باشلىدى، ھەمدە ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ئالقىشلاندى. ئابدۇللا ياسىن 1958-يىلى ئاقسۇ كەلپىن ناھيىسىدە تۇغۇلغان. 1980-يىلى ئۈچتۇرپان سەنئەت ئۆمەككە تەقسىم قىلىنغاندىن كىيىنكى 44 يىل داۋامىدا ئۇ كەسپى ھاياتىنى ئاساسەن ئابدۇرېھىم ئەھمەدىنىڭ ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا بېغىشلىدى. ئابدۇرېھىم ئەھمەدى ۋاپات بولغاندىن كىيىنمۇ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى، ئۇسلۇبىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
    بۇ ۋىدىئۇدا ئابدۇللا ياسىننىڭ ھازىر ئىنتېرنېتتىن تېپىش مومكىن بولغان يەتتە ناخشىسىنىڭ سەككىز ۋىدىئوسى توپلاندى. قېنى ھەممەيلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشىچىلىقىنىڭ ئاساسىنى سېلىپ بەرگەن ئابدۇرېھىم ئەھمەدى 1980-يىللىرىنىڭ بېشىدا رادىئو-ئۈنئالغۇلار ئارقىلىق دىيارىمىزدا ياڭراتقان، ئابدۇللا ياسىن سەھنىدە داۋاملاشتۇرۇپ ھازىرقى كۈنىمىزگىچە يەتكۈزگەن ئاشۇ ناخشىلاردىن قايتا بەھرلىنەيلى.

  • @muhtarmedia1969
    @muhtarmedia1969 3 วันที่ผ่านมา +5

    Xuddi Abdurehim Ahmadi rehmetlik tirilip qalghandek hissiyatqa saldi, rehmet Turghunjan inim, Uyghur seníti uchun yaxshi kuch chiqiriwatisiz.

  • @ШухербанумСайдулаева
    @ШухербанумСайдулаева 2 วันที่ผ่านมา +3

    Гөзәл oçmes yultuzlar❤❤❤🎉🎉🎉

  • @abliztohti6580
    @abliztohti6580 2 วันที่ผ่านมา +2

    👍👍👍👍👏👏👏👏

  • @gargetang7620
    @gargetang7620 2 วันที่ผ่านมา +4

    man kichik wakt8imda halk nahshilirini bolupmu pasha ishan nahshilirni pakatlam yakturmaytim. toluksiz ottura 2-yillikta tatilda tukkanlarning oygige kaytip tunji ketim abdurehim ahmidining lentisini anglap halk nahshilriigha ashik boldum. abdurehim heyitning ananiwey arlar awaz uslubi mani magnittek tartip jalp kilghan idi.