- 782
- 423 457
Dutar & The World
United States
เข้าร่วมเมื่อ 26 พ.ย. 2019
This channel dedicated to be the connection point between various Uyghur musicians in East Turkistan and the rest of the world. This channel also includes my own original dutar musics and dutar covers of famous songs.
Aydek Jamaling | Your Face is Like The Moon ft. Abdurehim Abduselim,Yalqun Yaqup
Aydek Jamaling | Your Face is Like The Moon ft. Abdurehim Abduselim,Yalqun Yaqup
มุมมอง: 87
วีดีโอ
Mushawirek Muqami 1-Dastan HD
มุมมอง 1392 ชั่วโมงที่ผ่านมา
مۇشاۋىرەك مۇقامى بىرىنچى داستان قۇلاق سېلىپ ئىشىتكىن مېنىڭ دەردىمنى، كۈندىن كۈنگە بېتەر بولدۇم دەردىڭدە. نىلەر چەكتىم پىراقىڭدا ھەجرىڭدە، قانلار يۇتۇپ ئۆلەر بولدۇم دەردىڭدە. بىر ئوق ئەردىم ھەر تەرەپكە ئاتىلدىم، سەن يار ئۈچۈن ئىشىكلەرگە تەلمۈردۈم. يارىيار دەپ يات يەرلەرگە ساتىلدىم، يارىيار دەپ ئۆلەر بولدۇم دەردىڭدە. غايىۋانە باغۋەنگە خىزمەت قىلۇرمەن، بىلمىدىم مەقسەتكە نىچۈن يىتەرمەن. چۆللەر كېزى...
Zahir Borhan First Symphony : My Life | Mening Hayatim
มุมมอง 544 ชั่วโมงที่ผ่านมา
زاھىر بورھان دىيارىمىزدىكى مۇزىكانتلار ئىچىدە كەسپىگە ئۆزىنى ئەڭ ئاتىۋەتكەن بىرى. زاھىر بورھان 1969-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان. 1980-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تونۇلۇشقا باشلاپ، 2000-يىللارغا كەلگەندە پۈتۈن دىيارىمىزغا تونۇلغان چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆچۈرمىچىلىكتىن خالى ئۆزگىچە ئىجادىيەتلىرى بىلەن ھەممەيلەننىڭ ئېتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ "ئەي بالىلار"، "دوستلار ...
Uyghur Rawap Music: Sayra! Qeshqer Rawabim | Sing! My Kashgar Rawap ft. Mominjan Yusup, Obul Hashim
มุมมอง 957 ชั่วโมงที่ผ่านมา
Uyghur Rawap Music: Sayra! Qeshqer Rawabim | Sing! My Kashgar Rawap ft. Mominjan Yusup, Obul Hashim
Yar Yamghuri | Love Rain ft. Gheyret Memtimin(Music,Lyrics)
มุมมอง 1159 ชั่วโมงที่ผ่านมา
يار يامغۇرى شېئىرى: غەيرەت مەمتىمىن مۇزىكىسى: غەيرەت مەمتىمىن باھارنىڭ ئاشىغى يامغۇر، ئاشۇ يارىمنى ئەسلەتتى. جىنىمغا جان قۇشۇپ شۇدەم، ۋاپادارىمنى ئەسلەتتى. باھارنىڭ ئاپتىپى رەڭلىك، نىگارىم بار ئىدى مەڭلىك، لىۋى گۈللەردىن رەڭ ئالغان، چىمەنزارىمنى ئەسلەتتى. يىتەلمەي ۋەسلىگە شۇ تاپ، يەنە ئارماندىمەن يارسىز ، كىچەلەر مەن ئۇچۇن يانغان، تولۇنئايىمنى ئەسلەتتى.
Uyghur Rawap Music: Yurtum | My Hometown fr. Mominjan Yusup(Rawap), Yarmemet Jamalidin(Composer)
มุมมอง 609 ชั่วโมงที่ผ่านมา
Uyghur Rawap Music: Yurtum | My Hometown fr. Mominjan Yusup(Rawap), Yarmemet Jamalidin(Composer)
Penjigah 1-Dastan Meghuli ft. Abdushkur Abdurehim(Dutar)
มุมมอง 1099 ชั่วโมงที่ผ่านมา
Penjigah 1-Dastan Meghuli ft. Abdushkur Abdurehim(Dutar)
Wapadarim | My Loyal Lover ft. Shamil Shakir, Music: Ablikim Abdulla, Lyrics: Heytem Huseyin
มุมมอง 6912 ชั่วโมงที่ผ่านมา
Wapadarim | My Loyal Lover ft. Shamil Shakir, Music: Ablikim Abdulla, Lyrics: Heytem Huseyin
Uyghur Chang Music : Chiwer Qollar ft. Patime, Abdurehim Niyaz(Composer)
มุมมอง 16014 ชั่วโมงที่ผ่านมา
Uyghur Chang Music : Chiwer Qollar ft. Patime, Abdurehim Niyaz(Composer)
Naxshamda Sen | You're In My Song ft. Marat Memetbaqeyov, Music:Murat Ehmedi, Lyrics:Tashpolat Namet
มุมมอง 18516 ชั่วโมงที่ผ่านมา
Naxshamda Sen | You're In My Song ft. Marat Memetbaqeyov, Music:Murat Ehmedi, Lyrics:Tashpolat Namet
Kel Juwan | Come My Lady ft. Husenjan Yasin, Merdan Eli
มุมมอง 10119 ชั่วโมงที่ผ่านมา
Kel Juwan | Come My Lady ft. Husenjan Yasin, Merdan Eli
Mushawirek Muqami - Abi Cheshme we Nusxe Merghuli
มุมมอง 24819 ชั่วโมงที่ผ่านมา
مۇشاۋىرەك مۇقامى ئابى چەشمىسى شېئىرى: فۇزۇلى شىفايى ۋەسىل قەدرىن ھەجر ئارا بىمارلاردىن سور، زىلالى زە-شەۋقىن تەشنەئىي دىيدارلاردىن سور. ۋاي، مۇقام چەشمەم، سىيا چەشمەم. كۆزى ياشلارنىڭ ئەھۋالىن نە بىلسۇن مەردۇمى غافىل، كەۋاكىب سىررىنى شەب تا سەھەر بىدارلاردىن سور. ۋاي، مۇقام-چەشمەم، سىيا چەشمەم. غەمىڭدىن شەمئىدەك كۆيدۈم، سەبادىن سورمە ئەھۋالىم، بۇ ھالىمنى شەبى ھىجراندا بولغان يارلاردىن سور. مۇھەب...
Kucha Folk Songs ft. Guljennet Husen
มุมมอง 36921 ชั่วโมงที่ผ่านมา
Kucha Folk Songs ft. Guljennet Husen
Atush Pedisi ft. Abdurehim Heyit(Dutar)
มุมมอง 306วันที่ผ่านมา
Atush Pedisi ft. Abdurehim Heyit(Dutar)
Sigah Muqami Suzuk Nosxisi | Sigah Mukam HD Version
มุมมอง 233วันที่ผ่านมา
سۈزۈك مۇقام ۋىدىئولىرىنىڭ ئۈچىنچىسى كەلدى مانا. سىگاھ مۇقامى ۋىدىئوسىدا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئاساسىدىكى بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، يىراق بىر ئەلدە بىر نامرات سازەندە بىر ئوغۇللۇق بولىدۇ. دەل بۇ ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلغان كۈندە، بۇ ئەلنىڭ شاھىمۇ بىر قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ. نامرات ئائىلىنىڭ ئوغلى بىلەن شاھ قىزىنىڭ تۇغۇلۇش، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانلىرى مۇقا...
Beghishla Elge Tohpengni | Dedicate Yourself to Your People ft. MuhemmetTursun Barat, Tursun Qadir
มุมมอง 205วันที่ผ่านมา
Beghishla Elge Tohpengni | Dedicate Yourself to Your People ft. MuhemmetTursun Barat, Tursun Qadir
Uyghur Xelq Naxshiliri(Engilizche) | Uyghur Folk Song in English
มุมมอง 898วันที่ผ่านมา
Uyghur Xelq Naxshiliri(Engilizche) | Uyghur Folk Song in English
Edep Rishti | The Bond of Good Manners ft. Ayshigul Muhemmet
มุมมอง 20414 วันที่ผ่านมา
Edep Rishti | The Bond of Good Manners ft. Ayshigul Muhemmet
Osmanjan Awut Songs ft. Osmanjan Awut(1975~2019)
มุมมอง 31514 วันที่ผ่านมา
Osmanjan Awut Songs ft. Osmanjan Awut(1975~2019)
Chebbayat Muqami Suzuk Nosxisi | Chebbayat Mukam HD Version
มุมมอง 40321 วันที่ผ่านมา
Chebbayat Muqami Suzuk Nosxisi | Chebbayat Mukam HD Version
Bir Xet | A Letter ft. Patigul Eziz, Chusti(Composer, Lyrics)
มุมมอง 18921 วันที่ผ่านมา
Bir Xet | A Letter ft. Patigul Eziz, Chusti(Composer, Lyrics)
Jan Aka Qayan Barursen | Where Are You Going, Brother ft. Chimengul Qadir
มุมมอง 31421 วันที่ผ่านมา
Jan Aka Qayan Barursen | Where Are You Going, Brother ft. Chimengul Qadir
Dostlargha | To My Friends ft. Omerjan Alim, Muhemmetjan Rashidin, Nurmemet Tursun, Rozimemet
มุมมอง 33121 วันที่ผ่านมา
Dostlargha | To My Friends ft. Omerjan Alim, Muhemmetjan Rashidin, Nurmemet Tursun, Rozimemet
Rak Muqami Suzuk Nosxisi | Rak Mukam HD version
มุมมอง 37921 วันที่ผ่านมา
Rak Muqami Suzuk Nosxisi | Rak Mukam HD version
Qeshqer Qizi | The Girls of Kashgar ft. Shireli Eltikin,Lyrics:Abdurehim Otkur,Music:Abdurehim Heyit
มุมมอง 35228 วันที่ผ่านมา
Qeshqer Qizi | The Girls of Kashgar ft. Shireli Eltikin,Lyrics:Abdurehim Otkur,Music:Abdurehim Heyit
مۇشاۋىرەك مۇقامى بىرىنچى داستان قۇلاق سېلىپ ئىشىتكىن مېنىڭ دەردىمنى، كۈندىن كۈنگە بېتەر بولدۇم دەردىڭدە. نىلەر چەكتىم پىراقىڭدا ھەجرىڭدە، قانلار يۇتۇپ ئۆلەر بولدۇم دەردىڭدە. بىر ئوق ئەردىم ھەر تەرەپكە ئاتىلدىم، سەن يار ئۈچۈن ئىشىكلەرگە تەلمۈردۈم. يارىيار دەپ يات يەرلەرگە ساتىلدىم، يارىيار دەپ ئۆلەر بولدۇم دەردىڭدە. غايىۋانە باغۋەنگە خىزمەت قىلۇرمەن، بىلمىدىم مەقسەتكە نىچۈن يىتەرمەن. چۆللەر كېزىپ باشىمنى ئېلىپ كىتەرمەن، ئۆزگە ۋەتەن تۇتار بولدۇم دەردىڭدە. غېرىپ ئەردىم گۈل قويدى مېنىڭ ئاتىمنى، بۇ ۋەتەندە ھىچكىم بىلمەس زاتىمنى. سەندىن ئۆزگە كىمگە ئېيتاي دادىمنى، مەن ساڭا ئەرىز ئېيتار بولدۇم دەردىڭدە.
😊вдохнавляетотлично
❤❤❤❤😢
زاھىر بورھان دىيارىمىزدىكى مۇزىكانتلار ئىچىدە كەسپىگە ئۆزىنى ئەڭ ئاتىۋەتكەن بىرى. زاھىر بورھان 1969-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان. 1980-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تونۇلۇشقا باشلاپ، 2000-يىللارغا كەلگەندە پۈتۈن دىيارىمىزغا تونۇلغان چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆچۈرمىچىلىكتىن خالى ئۆزگىچە ئىجادىيەتلىرى بىلەن ھەممەيلەننىڭ ئېتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ "ئەي بالىلار"، "دوستلار سەمىگە"، "ئاتا ۋە ئانا"، "كۈلەلەمسەن" قاتارلىق ناخشىلىرىنى ھازىر ئاڭلىساممۇ ئاڭلىغۇم كېلىدۇ. ئۇ ئىجاد قىلغان ھىجران ناخشىسى(يەنە بىر ئىسمى بۇلۇتلار ئاراسىدا) بولسا ئۇيغۇر سەنئەت تارىخىدىكى ئۆلمەس مىلودىيەلەرنىڭ بىرى. شۇغىنىسى 2000-يىللاردىن كىيىن زاھىر بورھان ئاساسەن كۆرۈنمەي قالدى. ئەسلىدە، بۇ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان زاھىر بورھاننىڭ پۈتۈن ۋاقتى ۋە زېھنى ئاساسەن ساپ مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن بولۇپتۇ. نۇرغۇن مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپتۇ. بۇ مۇزىكىلارنىڭ ئىچىدە 10 سىمفونىيە مۇزىكىلىرىمۇ باركەن. بۇ ۋىدىئودا بىز ئۇنىڭ بىرىنچى سىمفونىيىسى - "مېنىڭ ھاياتىم" نى ھەمبەھرلىدۇق. ئۇنىڭ باشقا سىمفونىيەلىرى ۋە يېڭى ناخشا-مۇزىكىلىرىمۇ قانىلىمىزدا يوللىنىدۇ.
Dilshat Rahidin yaraysiz💐
❤❤❤❤❤❤❤❤
يار يامغۇرى شېئىرى: غەيرەت مەمتىمىن مۇزىكىسى: غەيرەت مەمتىمىن باھارنىڭ ئاشىغى يامغۇر، ئاشۇ يارىمنى ئەسلەتتى. جىنىمغا جان قۇشۇپ شۇدەم، ۋاپادارىمنى ئەسلەتتى. باھارنىڭ ئاپتىپى رەڭلىك، نىگارىم بار ئىدى مەڭلىك، لىۋى گۈللەردىن رەڭ ئالغان، چىمەنزارىمنى ئەسلەتتى. يىتەلمەي ۋەسلىگە شۇ تاپ، يەنە ئارماندىمەن يارسىز ، كىچەلەر مەن ئۇچۇن يانغان، تولۇنئايىمنى ئەسلەتتى.
I just want to perserve the song composed by legendary composer Ablikim Abdulla.
Аллахим азадлик баргин Ватинимга омин
Awazinglar guzel!❤❤❤
مۇشاۋىرەك مۇقامى ئابى چەشمە شېئىرى: فۇزۇلى شىفايى ۋەسىل قەدرىن ھەجر ئارا بىمارلاردىن سور، زىلالى زە-شەۋقىن تەشنەئىي دىيدارلاردىن سور. ۋاي، مۇقام چەشمەم، سىيا چەشمەم. كۆزى ياشلارنىڭ ئەھۋالىن نە بىلسۇن مەردۇمى غافىل، كەۋاكىب سىررىنى شەب تا سەھەر بىدارلاردىن سور. ۋاي، مۇقام-چەشمەم، سىيا چەشمەم. غەمىڭدىن شەمئىدەك كۆيدۈم، سەبادىن سورمە ئەھۋالىم، بۇ ھالىمنى شەبى ھىجراندا بولغان يارلاردىن سور. مۇھەببەت لەززەتىدىن بىخەبەردۇر زاھىدى غافىل، فۇزۇلى دەردى ئىشقىن دەردى ئىشقى بارلاردىن سور. ۋاي مۇقام چەشمەم، سىيا چەشمەم.
Esil!!!!
Pichan nahiyesinden chikkan kabiliyetlik artist. Hazır Senet Institutide okutkuchi.
Гулжанат 😘💕❤😍💖👍
Yürekni titretti!
Bu bir milletnin medenyet tarihi kimlegi yani 2 bin yilden artuk bir türk medenyetinin şahidi ..uyghur medenyeti ..💝💞🌹⚘️🥀🌺🌻
Guzel!❤❤❤ Rexmet
بىر زامانلاردا ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئۇيغۇرچە ناخشىسىنى خىتايچە ئوقۇپ بىر كۈلكىكىك ئىش قىلغان، مىللەت،تىل سۆيەر بەزى دوسلىرىم ئۇيغۇرچىسىنى قويۇپ خىتايچىسىنى گىتتار بىلەن ئوقۇغىنىدا ئىچىمدە بىر خىل كۈلكىلىك تۇيۇلغان، خىتايلارنىڭ ھەممە نەرسىلەرنى خىتايچىلاشتۇرۇشى يوشۇرۇن ئىىڭىمىزغا تەسىرىنى كۆرسىتىپ خىتايچىسى ئۇيغۇرچىسىدىن مۇڭلۇق ھەم ياخشى ئاڭلانغان بولغىمىتى. كاشكى بىر خىتاينى ئۇيغۇرچە ناخشىنى بەك مۇڭلۇق دەپ داڭلىغىننى ئاڭلاپ باقمىدىم.
بېغىشلا ئەلگە تۆھپەڭنى شېئىرى: مۇھەممەت ئەلى زۇنۇن مۇزىكىسى: تۇرسۇن قادىر ناخشىدا: مۇھەممەتتۇرسۇن بارات تەمەننا قىلما مۈلكۈڭگە، جاھان ئۆتسىمۇ ئېلكىڭگە. بېغىشلا ئەجىر تۆھپەڭنى، ۋەتەن-مىللەت خەلقىڭگە. ئۇلۇم باردۇر چىقىپ قالساڭمۇ، ئۇچۇر ئەرىشكە قۇيۇپ شولتا. جاھاندىن ئىلىپ كىتەر ۋاي ئادەم، پەقەتلا ئالتە گەز ۋاي چولتا. جاھاندىن ئۆتتى تۇمەن مىڭ مەردۇ- مەردانلار، مىراس ئەيلەپ نەسىللەرگە باھاسىز تۆھپە ئىنئاملار. شۇلاردەك قانۇ-تەر تۆكسەڭ، چىچەكلەپ مەڭگۇ گۇللەيسەن، ياشايسەن زادى ئۆلمەيسەن، قارا يەرگە كۆمۈلمەيسەن.
دىلمۇرات (بەلكىم دىلشات، دىليار بولىشىمۇ مومكىن) بولسا نەنجىڭ ئۈنۋىرسىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ ھەم ئېنگىلىز تىلى، شۇنداقلا دۇتار ھەۋەسكارى. ئالدىنقى نەچچە يىللىرى ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئۇيغۇرچە دۇتارلىق ئوقۇپ تارقاتقان. بۈگۈن ئۇنىڭ دۇتاردا ئېنگېلزچە ئۇقۇغان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى توپلىمىنى ھەمبەھىرلەپ قويدۇم. ۋىدىئودىكى ناخشىلارغا ۋاقىت كودى قىستۇرۇلغان، ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنى تاللاپلا ئاڭلىيالايسىز.
سىگاھ مۇقامى ئىككىنچى داستانى رۇخسارىنى كۆرۈپ ئاغدى خىيالىم، ئەي دىلرابا قايدا بولۇر ماكانىڭ؟ پەرىمۇ سەن؟ بەشەرمۇ سەن نىگارىم، ئېيتقىن جانان قايدا بولۇر ماكانىڭ؟ مىنى سورىساڭ شاھ بەرقۇتنىڭ قىزىمەن، شەمسى بوستان ئېرۇر مېنىڭ ماكانىم. ھالىم سورىساڭ پەرىزادنىڭ قىزىمەن، يېقىن يەردە يوقتۇر مېنىڭ ماكانىم. قەمەر شاھ دەر، ھىجرانلىقتا ئۆتەرمەن، پىراقىڭدا پەرۋانىدەك كۆيەرمەن. ۋەسلىڭ ئۈچۈن جاننى پىدا ئىتەرمەن، ئەي دىلرەبا، قايدا سېنىڭ ماكانىڭ؟ شەمسى جانان پەرىلەرنىڭ بىرىمەن، بىلىپ ئالغىل كوھىقاپنىڭ پىرىمەن. مەنمۇ سېنى كۆپتىن ئىزدەپ يۈرىمەن، شەمسى بوستاندىدۇر مېنىڭ ماكانىم.
ئەرزىم ناخشىدا: ئابلىز شاكىر ئاتلىرىنى ھەيدەيدىكەن، مۇز داۋان بىلەن. بىر ياخشىنى قىينايدىكەن، بىر يامان بىلەن. ئەرزىمنى ئېيتاي يارغا. سەنمۇ ئادەم، مەنمۇ ئادەم، باقسا بولمامدۇ، بۇنداق جاننى قىينىغۇچە، چاپسا بولمامدۇ. ئەرزىم دادىم دوستلارغا.
Alamet ; Alamet ! Balilar ozliri karamet !!!👏👏👏🌸🌸🌸💐💐💐
🎉
Ассаламу уйгур халким бизнингму Алла Эгимиз бор
نائەھلى بىلەن سۆھبەت تۇتما ھەرجايدا، دۈشمەنلەرگە سىرى ھالىڭ بىلدۈرۇر. كۆڭۈلدىكى سىرىڭنى ئېيتما نامەرتكە، دۈشمەنلەرگە سوۋغا-سالام يەتكۈرۈر. مۇھەببەتسىز گۈلدىن ياخشىدۇر ياپراق، بىبەھىر گىيادىن ياخشىدۇر تۇپراق، بىئەقىل يولداشتىن ياخشىدۇر تاياق، كور كىشىگە يۈرەر يولنى بىلدۈرۇر. يامانلارنى قويۇپ بولماس رايىگە، سېنى سالۇر غەم-غۇسسەنىڭ چاغىگە، مۇھەببەتنىڭ مىھمانى بارسا ئۆيىگە، كۈچۈك ئىتتەك قاۋاپ پەيلىنى بىلدۈرۇر. يۈسۈپ بەگ دەر ئەجەب بولدى زامانلار، ئەمدى ساڭا ھارام بولدى ماكانلار. ئۆز ھالىنى ھەرگىز بىلمەس نادانلار، بىر ئىش بىلەن ھەرنە ھالىن بىلدۈرۇر.
бу видиодики музикиларни аңлап болуп, турсунҗан тохти хотән вилайәтлик кутупханиниң муавин башлиқи дисә бәлки ишәнгиңиз кәлмәслики момкин. шундақ, бу һичқандақ кәспи сәнәт өмәккә тәвә болмиған киши дияримиздики әң маһир тәмбур устилириниң бири һисаплиниду. турсунҗанниң тәмбур челиш услуби нурмәмәт турсундин көрә, бәкрәк һөсәнҗан җамиға йеқин килиду. униң сол қол сийрип челиш вә оң қол ойнитип челиш маһарәтлири алаһидә юқири. турсунҗан йәнә тураҗан обулқасим қойчи билән бирликтә нурғун хотән хәлқ нахшилирини қезишқа, рәтләшкә, йүрүшләштүрүшкә қатнашқан. ғәзәлхан йүрүши, бағларда йүрүши қатарлиқ йүрүшлүк хотән хәлқ нахшилириға турсунҗанниң көп әҗри сиңгән. турсунҗан йәнә актип музика тәрбийәчиси. у қәрәллик һалда хотән шәһири вә наһйилиридә музика курслирини орунлаштуруп яш ғунчиларни тәрбийләйду. нурғун диһқан баллири турсунҗандин һәқсиз дәрс алған. әлвәттә униң әң көп тәрбийиси сиңгини униң өз баллири әлвәттә. бу топламдики бир қанчә музикиларда униң чоң оғли дилшат дутар челип чиқиду. 13-14 яшлардики бу кичик йигитниң дутар маһарити аллиқачан кишини һәйран қалдуғудәк наһайти юқири сәвийәгә йетип болған. турсунҗанниң қизи дилрабаму маһир дуттарчи. қени әмсә турсунҗан тохтимәмәтниң аҗайип юқири тәмбур маһарәтлиригә мәрһәмәт.
Уйгур кизи💕💘❣️💓🤩😘😍🌹🥰👍
Ассалламу алейкум, аламәт ❤❤❤
СПАСИБА за хороший конец❤❤❤❤ низкий ПАКЛОН актёрами
❤❤❤❤❤❤❤❤
Дуняда бирла биздә 12 муқам бар биз сәнәткә бай хәлиқ яша уйғурум❤❤❤
гүзәл дуня сөзи: муһәммәт рузи(ярқин) музикиси: әнвәр ваҗидин орунлиғучи: гөһәр һошур бу гүзәл һаятни яраттиң дуня, көңүлгә нур зия тараттиң дуня. җуш урди төмүрда үмид қанлири, бизни гүл мәнзилгә қараттиң дуня. айни ким итәктә япалайдикән, рәзиллик бағрини көйдурдуң дуня. муһәббәт яңриди җими иқлимда, инсанни инсанға сөйдурдуң дуня. әмди аҗизлар буйнини қисмайду, қәлбини қуввәткә толдурдуң дуня. инсанлиқ қәдирини тунутуп аңа, күлмигән дилларни күлдурдуң дуня.
шунчиму нахша ейтсаң хуш келур, җанан авазиң шунчиму? җанни алди сөзлириң, хулқи назиң шунчиму? мән сени сөйдүм десәм, аста қизардиң гүл болуп. күткинимдә кәлмидиң, қилған аразиң шунчиму? сән харап қилдиң мени, көймәс җенимни көйдүрүп. интизар әттиң мини, тәқдир таразаң шунчиму?
рак муқами биринчи дастан шеири: шамәшрәп һәр кишиниң дәрди болса, йиғлисун яр алдида. қалмисун арман йүрәктә, әтсун изһар алдида. мәнсури һәллаҗидәк ичип шараби әнтәһур, чәрх уруп йиғлап турурмән уш бу дәм дар алдида. һәр киши бир қәтрәий нош әйлисә ол бадәдин, ол қиямәттә қилур әрзини җәббар алдида. тәлвә мәшрәп қилмиғин заһитқа сириңни аян, ейтип ейтип йиғлиғил сән ашиқи зар алдида.
қәшқәр қизи шеири: абдуреһим өткүр музикиси: абдуреһим һейт ай җамалиңни көрүп айниң қизикәнғу дедим, нур чечип турса йүзүң күнниң өзикәнғу дедим. миң җеним болса тәсәддуқ бир қарашиңға сениң, көзлириңни таң сәһәрниң юлтузикәнғу дедим. сөзлириң андин ләзиз, әнҗүр мисали ширнилик, номуси- иппәт билән виҗдан сөзикәнғу дедим. һәр сәһәр басқан изиңдин күлсә юмран майсилар, паһ, бу қизниң излири бәркәт изикәнғу дедим. ахшими талдәк егилсәң китабиңниң үстигә, дәвримиз қизлириниң бәкму узикәнғу дедим. һәр ишиткәндә сениң сазиң билән нахшаңни мән, соримай таптим етиң, қәшқәр қизикәнғу дедим.
рак муқами үчинчи дастани юрт қәдрини шаһлар билмәс, башқа юртқа ашмағунчә. яхши йәрниң қәдрини билмәс, бир яманға түшмәгүнчә. қол узатсам ярға йәтмәс, ярсиз миниң ишим пүтмәс. киши мәртниң қәдрини билмәс, бир намәрдкә түшмәгүнчә. синдурма мөимин садасин, оқулар бәш вақ намазин. шаһлар билмәс юрт ризасин, һатәм болуп түшмәгүнчә. ашиқ болмай синчак болмас, шәһид болған һалак болмас. қәлби униң һәм пак болмас, ишқ отида көймәгүнчә. пәдәр болмақ асан әмәс, я керәмгә түшмәгүнчә. ашиқ болмақ асан әмәс, шерин җандин кәчмәгүнчә. худа кимгә бир дәрт бирәр, ол дәрдигә дәрман бирәр. бәндә худа дәп йиғлимас, бир дәрт-әләм кәлмәгүнчә. шаһ аббас дәр мән билмидим, ғерип һалин һәм соримидим. ишқ отини мән билмидим, өз башимға кәлмәгүнчә.
уйғур 12 муқамлириниң видиолирини зади бир йеңилайдиған йәргә кәлгән. ютубтики видиоларниң һәммиси дигүдәк 20 йил авалқи 240p лиқ, яхширақ болса 360p лиқ чапақ видиолар. янфунниң кичик икранида көрсә бәк ченип кәтмигән билән, 4k лиқ йоған теливизурда бир қойсақла ченип қалиду. чәтәллик достлиримизғиму вай исил 12 муқамимиз бар дәймизю, көрсәткүдәк сүзүкрәк видиолиримиз йоқ. 12 муқам видиолири аҗайип яхши ишләнгән, уйғур мәдәнйити шунчилик дәриҗидә гәвдиләндүрүлгән. әмма шунчә есил видиоларниң чапақ пети туруши бир қамлашмиған иш иди. биз тунҗи қәдәмдә рак муқаминиң 1080p лиқ юқири ениқлиқтики носхисини тәйяр қилдуқ. әлвәттә вәтән ичидики мушу ишқа күчигән қериндашлиримизғиму тәшәккүримиз чоңқур. қалған 11 муқамниң сүзүк носхисиму қанилимизда давамлиқ илан қилиниду. көрүшни унтуп қалмиғайсиләр.
достларға шеири: муһәммәтҗан рашидин (нахша лирикиси үчүн қисқартилған) яман күнләр мән билән кәткәй, яхши күнләр сән билән болсун. мәнла тартай тикән дәрдини, қизил гүлләр сән билән болсун. мән ясиған көврүктин өтсәң, "мениң үчүн ясапту" дәп өт. сәпәрләрдә қалсаң улағсиз, һапаш ташла йәнә мени күт. ай чиллиса мән қалай сән чиқ, "айда достум бар" дәп йүримән. пәхирләнсә әлләр мүлүкидин, мән сениңдин пәхирлинимән. бир нан тапсам, йерими сениң, тәң өлимиз ачлиқтин өлсәк. ялғуз күлүш яхшилиқ әмәс, тәң күлимиз тоқлуқтин күлсәк.
бир хәт сөзи : чусти музикиси: кәнҗибай әмәт бир хәт йезипсиз җанан болай дәп, ашиқ өйидә меһман болай дәп. бир өйдә бир тән бир җан болай дәп, алдим бу хәтни қурбан болай дәп. мән ентизармән кәлмәмсиз әмди, ашиқ қәдригә йәтмәмсиз әмди. вәдигә вапа қилмамисз әмди, ейтқан өзиңиз қурбан болай дәп. бағлап белимгә бәлвағлиримни, аҗайип ясаттим гүлбағлиримни. башлап өйүмгә дос ярлиримни, хизмәткә чусти чаққан болай дәп. ишқим йошурмай, бәрнаға ейттим, шәйдалиғимни дана ға ейттим. қәдримни билгән дослаға ейттим, әлләр ичидә дастан болай дәп.
җан ака қаян барурсән(чәббият муқами 4-дастани) нахшида: чимәнгүл қадир арадин һич сөз өтмәйин, җан ака қаян барурсән. миниң гүлүм ачилмайин, җан ака қаян барурсән. анамниң хизмәтин қилмай, кәфән сорақида болмай. өз қолуңда гөргә қоймай, җан ака қаян барурсән. бизгә дуня зиндан болди, кийгәнимиз кәфән болди. ичкәнимиз зәһәр болди, җан ака қаян барурсән. гүлҗамални көп зарлитип, йүрәкин отқа дағлитип, бәхти қарани қан йиғлитип, җан ака қаян барурсән.
сүзүк муқам видиолириниң иккинчиси кәлди әмсә. чәббаят муқаминиң видиоси башқа муқамларға охшимайду. қалған 11 муқамда бир яки бир қанчә һикайиләрни арқа көрүнүш қилип кино шәкилдә ишләнгән болса, чәббаят муқами бир муқим сәһнидә консирт шәкилдә сүрәткә елинған. униң үстигә 12 муқам видиосини ишләшкә қатнашқан әйни вақиттики муқам ансанбилиниң барлиқ нахшичи, сазәндилири вә усулчилири бир сәһнидә ортақ муқамини орунлап чиқиду. шуңа бу қиммәтлик видиода нурғун кона тонуш чирайларни учриталаймиз. мәрһумлиримиздин: һүсәнҗан җами, абдулла мәҗнун, әркин нияз, турған өмәр, пәрһат давутлар бу сәһнидә чиқиду.
османҗан авут бәлким мутләқ көп қисим оқурмәнләргә натонуш. османҗан авут 1975-йили йәкәнниң хаңди йезисида туғулған. 1992-йили қәшқәр сәнәт мәктәп нахша кәспидә пүттүргәндин кийин йәкән наһийилик сәнәт өмәк, поскам наһйилик сәнәт өмәк, кийинчә қәшқәр вилайәтлик сәнәт өмәкләрдә ишлигән. османҗан 90-2000-йилларда дияримизниң җәнубидики бир нәччә нахша ейтиш мусабиқилиридә нәтиҗә алған. кийин, османҗан авут өзиниң аллақачан йитишкән нахшичи болғиниға қанаәт қилмай, йәнә бейҗиңдики мәркизи музика инистотида аваз вә нахша кәспидә оқуған. у яврупа гүзәл авази билән уйғурчә милли пурақни юғурушта бәлгилик утуқ қазанған. у йәнә ғалип реһимлар билән бирликтә қәшқәр хәлқ нахшилирини йүрүшләштүрүшкә қатнашқан. шуғиниси рәһимсиз тәқдир, 2019-йили, османҗан 43 йешида, әң қеран вақитлирида бу дунядин мәңгүлүк видалашти. бу видиода мәрһумниң авазини давамлиқ яңритип, мәрһумни давамлиқ яд етип туруш мәқситидә униң ялғуз ейтқан бәш нахшисини, йәнә османҗанниң бир қорсақ иниси рахманҗан авут өзһалниң акисиға атап
ئوسمانجان ئاۋۇت بەلكىم مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلەرگە ناتونۇش. ئوسمانجان ئاۋۇت 1975-يىلى يەكەننىڭ خاڭدى يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1992-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتەپ ناخشا كەسپىدە پۈتتۈرگەندىن كىيىن يەكەن ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەك، پوسكام ناھيىلىك سەنئەت ئۆمەك، كىيىنچە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمەكلەردە ئىشلىگەن. ئوسمانجان 90-2000-يىللاردا دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى بىر نەچچە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرىدە نەتىجە ئالغان. كىيىن، ئوسمانجان ئاۋۇت ئۆزىنىڭ ئاللاقاچان يىتىشكەن ناخشىچى بولغىنىغا قانائەت قىلماي، يەنە بېيجىڭدىكى مەركىزى مۇزىكا ئىنىستوتىدا ئاۋاز ۋە ناخشا كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇ ياۋرۇپا گۈزەل ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇرچە مىللى پۇراقنى يۇغۇرۇشتا بەلگىلىك ئۇتۇق قازانغان. ئۇ يەنە غالىپ رېھىملار بىلەن بىرلىكتە قەشقەر خەلق ناخشىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە قاتناشقان. شۇغىنىسى رەھىمسىز تەقدىر، 2019-يىلى، ئوسمانجان 43 يېشىدا، ئەڭ قېران ۋاقىتلىرىدا بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. بۇ ۋىدىئودا مەرھۇمنىڭ ئاۋازىنى داۋاملىق ياڭرىتىپ، مەرھۇمنى داۋاملىق ياد ئېتىپ تۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭ يالغۇز ئېيتقان بەش ناخشىسىنى، يەنە ئوسمانجاننىڭ بىر قورساق ئىنىسى راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھالنىڭ ئاكىسىغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەسىنى توپلىدۇق. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى خەيرلىك قىلغاي!
سۈزۈك مۇقام ۋىدىئولىرىنىڭ ئىككىنچىسى كەلدى ئەمسە. چەببايات مۇقامىنىڭ ۋىدىئوسى باشقا مۇقاملارغا ئوخشىمايدۇ. قالغان 11 مۇقامدا بىر ياكى بىر قانچە ھىكايىلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ كىنو شەكىلدە ئىشلەنگەن بولسا، چەببايات مۇقامى بىر مۇقىم سەھنىدە كونسىرت شەكىلدە سۈرەتكە ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە 12 مۇقام ۋىدىئوسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان ئەينى ۋاقىتتىكى مۇقام ئانسانبىلىنىڭ بارلىق ناخشىچى، سازەندىلىرى ۋە ئۇسۇلچىلىرى بىر سەھنىدە ئورتاق مۇقامىنى ئورۇنلاپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ قىممەتلىك ۋىدىئودا نۇرغۇن كونا تونۇش چىرايلارنى ئۇچرىتالايمىز. مەرھۇملىرىمىزدىن: ھۈسەنجان جامى، ئابدۇللا مەجنۇن، ئەركىن نىياز، تۇرغان ئۆمەر، پەرھات داۋۇتلار بۇ سەھنىدە چىقىدۇ.
Апирин. Яша уйгурум. ❤❤❤❤❤❤❤❤
❤❤❤❤❤❤❤❤
Аллаһ яр болсун!Амин!
Assalomu alaykum
@@mamurxodjanov1523 Wu'eleykum Essalam
بۈگۈن بايرام شېئىرى: ئىمىن ئەھمىدى مۇزىكىسى: نۇسرەت ۋاجىدىن بۈگۈن بايرام كوچا-كويدا بۈگۈن تەنتەنە، بۈگۈن بايرام ياشانغانلار ياشلارغا بايرام. يېڭى ئەسىر، يېڭى ھايات، خۇشاللىق كۈندە، ئەل ۋەتەن دەپ ئاقارغان چاچلارغا بايرام. بۈگۈن بايرام يېڭى يىلنى يېڭىش بايرىمى، يۈرەكلەرگە ئارزۇ-ئارمان تېڭىش بايرىمى. كەلگۈسىنى كۆزلەپ ماڭغان خۇشاللىق كۈندە، دەريادىكى سۇ، تاغدىكى تاشلارغا بايرام.
بىر خەت سۆزى : چۇستى مۇزىكىسى: كەنجىباي ئەمەت بىر خەت يېزىپسىز جانان بولاي دەپ، ئاشىق ئۆيىدە مېھمان بولاي دەپ. بىر ئۆيدە بىر تەن بىر جان بولاي دەپ، ئالدىم بۇ خەتنى قۇربان بولاي دەپ. مەن ئېنتىزارمەن كەلمەمسىز ئەمدى، ئاشىق قەدرىگە يەتمەمسىز ئەمدى. ۋەدىگە ۋاپا قىلمامىسز ئەمدى، ئېيتقان ئۆزىڭىز قۇربان بولاي دەپ. باغلاپ بېلىمگە بەلۋاغلىرىمنى، ئاجايىپ ياساتتىم گۈلباغلىرىمنى. باشلاپ ئۆيۈمگە دوس يارلىرىمنى، خىزمەتكە چۇستى چاققان بولاي دەپ. ئىشقىم يوشۇرماي، بەرناغا ئېيتتىم، شەيدالىغىمنى دانا غا ئېيتتىم. قەدرىمنى بىلگەن دوسلاغا ئېيتتىم، ئەللەر ئىچىدە داستان بولاي دەپ.