Kechürme Weten كەچۈرمە ۋەتەن
ฝัง
- เผยแพร่เมื่อ 8 ก.ย. 2024
- كەچۈرمە ۋەتەن
دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان شىئېرى
قېنىڭ تۆكۈلدى، بىزلەر سەيلىدە،
ئاھ-ۋاھ دەپ قويۇپ، راھەت پەيلىدە،
جان باقتى بولۇپ تۇرمۇش كەينىدە،
ئويۇن-تاماششا، كەيىپ مەيلىدە،
يۈرسە ئەۋلادىڭ، كەچۈرمە ۋەتەن.
ھەر بىر غېرىچتا مىڭ شېھىت ياتار،
تىرىك يۈرگەنلەر ئەزرائىلگە زار،
ئۆلۈممۇ دائىم سۈكۈتنى سورار،
غورۇر-ۋىجدانغا تەييارلاندى دار،
سەن چۈن ئۆلمىسەم، كەچۈرمە ۋەتەن.
ھۆرلىكىڭ ئۈچۈن كۆتۈرۈپ چوقان،
بۈركۈتتەك ئۇچۇپ دۈشمىنىڭ تامان،
جاللاتنى بىر كۈن قۇستۇرمىسام قان،
قان-قىساسىڭنى ئۇنۇتقان ھامان،
رەھىم قىلما ھەم كەچۈرمە ۋەتەن.
مۇستەقىل-ئازات دۆلەت قۇرمىسام،
ھەققىڭ ئىزدىمەي،يېتىپ ئۇخلىسام،
دۈشمەن ئالدىدا تاغدەك تۇرمىسام،
بار كۈچۈم بىلەن ياۋنى ئۇرمىسام،
رەھىم قىلما ھەم كەچۈرمە ۋەتەن.
دۆلەت قۇرۇشتۇر ئارزۇ-ئىرادەم،
بۇڭا ئىنتىلۇر ۋۇجۇدۇم ھەر دەم،
بولماسمەن ھەرگىز دۈشمىنىڭگە يەم،
ئەركىنلىكىڭدۇر ئۈمىدىم-ئەھدەم،
ئازات قىلمىسام كەچۈرمە ۋەتەن.