Ah Urarmen - Musajan Rozi, Seydullam Tohti, Nurmamat Tursun

แชร์
ฝัง
  • เผยแพร่เมื่อ 25 ส.ค. 2024
  • «جان دوستلار» ناملىق لېنتا ھەققىدە ئىككى كەلىمە
    مۇساجان رۇزى، سەيدۇللام توختى، نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن قاتارلىق ئۇستازلار ئورۇنلىغان «جان دوستلار» ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى 1985- يىلى شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
    80- يىللار ۋە 90- يىللارنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ناخشىچى، مۇزىكانتلارنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئۈنئالغۇ لېنتىسى، كېينرەك سىنئالغۇ لېنتىسى ئىشلەپ، نەشىر قىلىش ئەۋج ئالغان چاغدا «جان دوستلار» ناملىق ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئىككى يۈرۈشى (A يۈزىدە «جان دوستلار»، B يۈزىدە «ئاھ ئۇرارمەن») قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتا قىلىپ نەشىر قىلىنغان. ئۈن - سىن بازارلىرى ئاۋاتلاشقان شۇ چاغلاردا كەڭ سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ لېنتا قايتا - قايتا نەشر قىلىنغان.
    بۈگۈن بىز باشكارىز سالونىمىزدا «جان دوستلار» ناملىق بۇ ئالقىشلىق ناخشىلارنىڭ تولۇق، ئوچۇق نۇسخىسىنى ناخشا خۇمار دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق

ความคิดเห็น • 3

  • @UyghurWorldMedia
    @UyghurWorldMedia 5 หลายเดือนก่อน +3

    رەخمەت ئۇكام. مەندە بۇ لىنتا بار ئىدى. ئۈن-ئالغۇدىن ئككىلى يۈزىنى دىگىتال قىلىپ ئۆزگەرتكەن ئىدىم. ئھتىياتسىزلىقتىن«ئاھ ئۇرارمەن يۈرۈشى» يۇيۇلۇپ كېتىپتىكەن. 20 يىل بولدى ئىزلەۋاتاتتىم. مانا ئەمدە بار بولدى- تەكرار رەخمەت.
    ئېسىمدە قېلىشىچە، ناخشىدا مۇساجان روزى، ئابلىز شاكىر ۋە سەيدۇللام توختى.

    • @shermamatyarmamat589
      @shermamatyarmamat589 2 วันที่ผ่านมา

      شۇ مەن ئابىلىز شاكىر ئۇستازنىڭ ئاۋازىنى ئىنىق ئاڭلاپ تونۇدۇم بىراق ئىسمى يىزىلمىغانمۇ قانداق ئىنىق بىلىدىغانلا جەزىملەشتۇرۋەتكەن بولساڭلا رەھمەت

  • @shermamatyarmamat589
    @shermamatyarmamat589 2 วันที่ผ่านมา

    ئەجىرىڭڭلاردىن گۇل ئۇنسۇن قىرنداشلا . گۇزەل ئەسلىمىلەرنى بىزگە ئۇلاشتۇرغانلىقڭلاردىن بەك سۆيۇندۇم رەھمەت. بولسا باش ئاخىرىغا نومۇر قالدۇرۇپ قويساڭلار 1ـ2 ياكى A-B دىگەندەك رەت بويىچە ئاڭلىساق رەھمەت