پۇل سودىسى قىلىشقا ۋەدىلىشىشنىڭ ھۆكمى
ฝัง
- เผยแพร่เมื่อ 7 ก.พ. 2025
- ئىككى تەرەپ پۇل ئالماشتۇرۇشقا، ئالتۇن سودىسى قىلىشقا ۋەدىلەشسە، بۇ ۋەدىدىن يېنىشقا بولمايدۇ دېگەن شەرت ئاغزاكى ياكى يازما قىلىنمىسا، بازاردىكى ئۆرپ - ئادەتمۇ يېنىشنى چەكلىمىسە، بۇ ۋەدىلىشىش سودا بولماي ۋەدە بولىدۇ. بۇنىڭدا مەسىلە يوق. كېيىن نەقمۇنەق ئالماشتۇرۇشسا ئالماشتۇرغان چاغدا سودا توغرا بولغان بولىدۇ.
ئەمما ھازىر «قاپالى چارشى»دا ئالتۇن سودىسى قىلىشقا ۋەدىلىشىپ، دېيىشكەن ۋاقىت كەلگەندە يېڭىدىن سودا قىلماي، بۇرۇنقى كېلىشىمگە ئاساسەن ئالماشتۇرىدۇ. بۇنىڭدا سودا بۇرۇن بولغان، پۇل ياكى ئالتۇننى ياكى ھەر ئىككىلىسىنى ئالماشتۇرۇش سودا قىلغان چاغدىن كېچىككەن بولىدۇ.
فىقھىي ئاكادېمىيەلەر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە ئىككى ھالەتكە ئايرىغان:
بىرىنچى ھالىتى: ئىككىلا تەرەپ پۇل سودىسى قىلىش ۋەدىسىدە تۇرۇشتىن باش تارتالماسلىق. ئىككىلا تەرەپ پۇل سودىسى قىلىش ۋەدىسىدە تۇرۇشتىن باش تارتالمايدىغان بولسا، مەسىلەن ساتقۇچىمۇ كېلەچەكتە پۇلنى چوقۇم سېتىپ بەرمىسە بولمايدۇ. ئالماقچى بولغان خېرىدارمۇ چوقۇم ئۇنى كېلەچەكتە سېتىۋالمىسا بولمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە يېڭىدىن توختام تۈزۈپ يۈرمەيلا بۇرۇنقى ۋەدىلىشىشكە ئاساسەن پۇل ئېلىپ - سېتىلىدۇ. بۇنداق سودا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سودىدىن باش تارتماسلىققا ۋەدە بېرىپ پۈتۈشۈشى كېچىكتۈرۈلگەن پۇل ئالماشتۇرۇش سودىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سودا تۆۋەندىكى بىرنەچچە سەۋەب بىلەن ناتوغرا بولىدۇ:
بىرىنچىدىن: پۇل ئالماشتۇرۇش (سەرف) سودىسىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ بىرى بىرىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن پۇلىنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشى شەرت. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار بىردەك قاراشتا. چۈنكى، بۇ شەرت «سەھىھ» ھەدىسلەردە ئېنىق كەلگەن. مىسالغا ئالساق:
ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئارپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا تەڭمۇتەڭ ۋە قولمۇقول نەقمۇنەق تېگىشىش لازىم. مۇبادا بۇ تۈرلەر پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولغان تەقدىردە، خاھلىغان بويىچە سېتىڭلار» دېگەن .
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurki...
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=...
#AbdulazizRahmetullah
#ShariaFatwas
#ModernIslamicIssues
#IslamicEthics
#EastTurkistanFatwas
#SajiyeNetwork
#ContemporaryFatwas
#FaithAndEthics
#ShariaInModernLife
#UyghurIslamKnowledge
#IslamForEveryone
#EastTurkistanIslamicKnowledge
#IslamicFatwasAndHadiths
#IslamicBiographiesAndPlaces
#UyghurGenocideAwareness
#WomenInIslam
#IslamicEconomics
#IslamAndPolitics
#ChildEducationInIslam
#MarriageAndDivorceInIslam
#IslamicNasheeds
#IslamicWorshipAndLife
#IslamicBooksAndTerminology
#FightAgainstChineseOppression
#IslamicKnowledgeInUyghur
#TrendingNow
#ViralContent
#BreakingNews
#DigitalMarketing
#TechNews
#AIRevolution
#SustainableLiving
#CryptoTrends
#HealthAndWellness
#ClimateAction
#FashionForward
#TravelGoals
#MentalHealthMatters
#HomeImprovement
#PopCulture