Ilaxun (Kokkoz) oghli Yarullam dadisi heqqide...

แชร์
ฝัง
  • เผยแพร่เมื่อ 18 พ.ค. 2014
  • (1866-1970)
    ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ھازىرغىچە جاراڭلاپ كېلىۋاتقان:
    تەلكىنىڭ داۋانىدىن،
    كارۋان توختىماي ئۆتتى.
    سۇلايمان يىغلىغان بىلەن،
    ئېلاخۇن يىغلىماي ئۆتتى.
    دېگەن ناخشىنىڭ ئىجادچىسى ئېلاخۇن(لەقىمى كۆككۆز)تەخمىنەن 1866 - يىللىرى غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە مۇقامچى تىلىۋالدى ئاخۇن ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1836-يىللىرى تۇرپاندىن 10 يىللىق سۈرگۈندىن خالاس بولغان خالزاتخان ئاخىرى تەيچىلىك مەنسىپىگە ئېرىشىپ، تۇرپاندىن ئىلىغا مېڭىش ۋاقتىدا قەشقەرلىك ئاتاقلىق مۇقامشۇناس ھۈسىيىنخان(پەيزى)ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھېلىم ئاخۇن ھەم سېلىم ئاخۇنلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىلىغا ئېلىپ بارغان ۋە قازانچى مەھەللىسىگە ماكانلاشتۇرغان. موشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازانچى مەھەللىسى بىر مەزگىل مۇقامچىلار مەھەللىسىگە ئايلانغان. تىلىۋالدى ئاخۇن ئاكا مۇقامنى ئەنە شۇ مەزگىلدە ھۈسىيىنخان پەيزىدىن ئۈگەڭەن ۋە 20 نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدا كۆزگە كۆرۈڭەن مۇقامچىلاردىن بولۇپ قالغان. ئېلاخۇن ئەنە شۇنداق سەنئەت مۇھىتى ئىچىدە دۇنىياغا كېلىپ، دادىسىنىڭ بىۋاستە تەربىيىسى بىلەن مۇقامچى بولۇپ يېتىشكەن. ئېلاخۇن مۇقامچىلىقتا ۋايىغا يەتكەن ۋاقتىدا دادىسى تىلىۋالدى ئاخۇن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئاىلىنىڭ ئېغىر يۈكى ئۈستىگە يۈكلەڭەن ئېلاخۇن ئىش-ئوقەت بىلەن بولۇپ، بىر مەزگىل مۇقامچىلىقتىن قالىدۇ. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن مۇقام ئېيتىش ئورنىغا جەڭگىۋارلىق بىلەن تولغان ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ، ئىلى رايونىدا داڭ چىقىرىدۇ. شۇ مەزگىللەردە ئىلىدا ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى خەلىق قوزغىلاڭلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ. ئېلاخۇن بۇنداق خەلىق قوزغىلاڭلىرىغا چوڭقۇر ھېسسىداشلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زۇلۇمغا قارشى كۆپلىگەن قوشاقلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىدۇ. شۇنداق ئۇ ھەم قوشاقچى ھەم ناخشىچى بولۇپ تونۇلىدۇ. ئۇ شۇ مەزگىللەردە:
    قەشقەردىن ئادەم چىقسا،
    تۇتىدۇ چىقىپ چىرىك.
    ئۇقماستىن يېنىپ قويسا،
    كۆمىدۇ گۆرگە تىرىك...
    دېگەڭە ئوخشاش جەڭگىۋار قوشاقلارنى تۈزۈپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇستەبىت كۈچلەر ئۇنى يوقىتىشنىڭ قەستىگە چۈشىدۇ. 1924-يىلى زالىم ياڭ زېڭخىن ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم ئىلغار كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ. شۇ قاتاردا ئىلىدىن ئېلاخۇن ۋە ئۇنىڭ دوستى سۇلايماننى تۇتۇپ ئۈرۈمچىگە پالاپ، ئۈرۈمچىدىكى جاڭجۈن يامۇلى ئالدىغا تۆمۈر قەپەزگە سېلىپ ئېسىپ قويىدۇ.
    1928-يىلى 7-ئىيۇل ياڭ زېڭخىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ھاكىمىيەت بېشىغا جىڭ شۇرەن چىققاندىن كېيىن، ئېلاخۇن تۈرمىدىن چىقىپ، تېكەسكە كېتىدۇ ۋە ئۇ يەردە يەر ئېچىپ، باغ بىنا قىلىپ ھايات كەچۈرىدۇ.

ความคิดเห็น • 21

  • @user-dh2ck2et4d
    @user-dh2ck2et4d 3 หลายเดือนก่อน

    Алла у дуниялиғини бәрсун амин ❤

  • @user-sk1sg3wd5p
    @user-sk1sg3wd5p 11 หลายเดือนก่อน +3

    АЛЛА РАЗЫ БОЛСУН!!! ЯТКАН ЕРИНИЗ ЖАНАТТА БОСУН.АМИН. 🤲🤲🤲🤲🤲🤲🤲

  • @user-dv3xj7vf2u
    @user-dv3xj7vf2u 3 ปีที่แล้ว +11

    Рахмат кичик дада, ватан бизнин есимизда. Алла буйурса АЗАТ болумиз. Корунган таг жирак амас.

  • @user-rx7jo4ko8c
    @user-rx7jo4ko8c 4 หลายเดือนก่อน

    Яткан жаи Жанната имани елдаш болсун Амин

  • @asanjansharipov7534
    @asanjansharipov7534 10 หลายเดือนก่อน

    Илахун Коккоз халкимизниг батур кошакчи шахс

  • @baronyastreb8053
    @baronyastreb8053 2 ปีที่แล้ว +7

    Ярали акамниң ятқан йери юмшақ болсун! Роһи жəннəттə болсун аминь!

  • @nijatiminov7907
    @nijatiminov7907 ปีที่แล้ว +4

    Өмриңиз ұзақ болсун!!!

  • @anvarkhamra4054
    @anvarkhamra4054 2 ปีที่แล้ว +9

    Умютиниз яр болсун Худаимдин сораймиз!

  • @talgatarzuev2593
    @talgatarzuev2593 2 ปีที่แล้ว +7

    Уйғурстан ға азатлиқ!

  • @user-fy9ue9wk4b
    @user-fy9ue9wk4b 10 หลายเดือนก่อน +3

    Мой любимый бувака так скучаю и люблю как 3 года тебя нет с нами😭😭😭😭

    • @anvarkhamra4054
      @anvarkhamra4054 10 หลายเดือนก่อน

      Я его видел 5 лет назад на похоронах моего друга Марупа Кажамбердиева в г Талгар Значит он ушёл из жизни 3 года назад Соболезную всем его родственникам особенно внуку который назвал его любимым видимо он этого достоин и на том свете находятся в Раю Аминь Аллах Акбар!

  • @user-xg6eo5nk9w
    @user-xg6eo5nk9w 3 ปีที่แล้ว +7

    Ярали тагамнин яткан ялири жаннатта болсун🙏🤲❤️

  • @nargizaniyazova2892
    @nargizaniyazova2892 ปีที่แล้ว +5

    Бечора халким Нима жапо уз Ватагина сигмой кижналгон оком Аллох жаннатладан жой ато килган булсин

  • @alme6901
    @alme6901 3 ปีที่แล้ว +8

    Кандак.патриот.адям.болган.
    .бизнин.чон.дадимиз

  • @user-po1sp6il8f
    @user-po1sp6il8f 9 หลายเดือนก่อน

    🥺🥺🥺🥺❤❤❤❤

  • @anvarkhamra4054
    @anvarkhamra4054 2 ปีที่แล้ว +8

    Если он умер в 1970году и прожил 104 года то он родился 1864 году

  • @hamrajanhetaxun2019
    @hamrajanhetaxun2019  10 ปีที่แล้ว +11

    1934-يىلى 11-ئايدا ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا سەناىي نەفىسە تەشكىللىنىدۇ. سەناىي نەفىسىگە ئىلى رايونىدىكى ئاتاقلىق ناخشىچى، مۇقامچى، سازەندىلەر قاتارىدا ئېلاخۇنمۇ تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇ بىر مەزگىل ناخشا ئۇستازى سۈپىتىدە ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنى "ئون ئىككى مۇقام"نىڭ ھۈسىيىنخان پەيزى تارقاتقان نۇسخىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئومۇملاشتۇرىدۇ.
    شۇنداق كۈنلەردە زالىم شەڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغايدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە تۇتقۇن قىلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشلەر ئەۋج ئالىدۇ. نەتىجىدە ئېلاخۇن تېكەسكە چىقىش باھانىسى بىلەن سابىق سوۋەت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
    بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە يۇرتى ئىلىغا قايتىپ كېلىپ 1962-يىلىغىچە ئىلىدا ياشايدۇ. 1962-يىلىنىڭ ئاخىرى بالا-چاقىلىرى بىلەن يەنە سوۋېتكە كېتىپ، 1970-يىلى 104 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
    بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ناخشا-مۇقام ۋە قوشاقچىلىققا بېغىشلىغان ئېلاخۇن ئاكا گەرچە ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن مۇقام، ناخشا-قوشاقلىرى خەلىق ئارىسىدا مەڭگۈلۈك جاراڭلىماقتا.

    • @anvarkhamra4054
      @anvarkhamra4054 10 หลายเดือนก่อน

      Спасибо большое за информацию об истории жизни Великих уйгурских людей Желаю дальнейших рассылок автора Браво санияткарм Аминь яткан ери жяняткя лаик!

  • @user-bu7lw2qk7e
    @user-bu7lw2qk7e 11 หลายเดือนก่อน +1

    Ajaip sohbat !!!

  • @anvarkhamra4054
    @anvarkhamra4054 ปีที่แล้ว +5

    Бу адям хазир хаятму?

    • @MisterX904
      @MisterX904 10 หลายเดือนก่อน

      Яқ,мәрһум