Abdurihim Ehmidi - Yaru يارۇ- ئابدۇرېھىم ئەخمىدى 阿卜杜热依木 艾合米迪-

แชร์
ฝัง
  • เผยแพร่เมื่อ 28 ธ.ค. 2022
  • ئابدۇرېھىم ئەخمىدى 1950-1961-يىلى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ جەريانىدا خەلقئارالىق ياشلار فېستىۋالىغا قاتناشقان ھەم ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان، سۆيۈملۈك ناخشىچىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ مۇڭلۇق ۋە ئۆزگىچە يېقىملىق ئاۋازدا ئورۇندىغان «تەنلىرىم ياپراق»، «زۆھرە جانىم»، «يارو» ۋە باشقا بىر قاتار ناخشىلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان ئىدى
    ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى باشلىغان تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئىزتىراپ چەككەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت، سەنئەت ئەربابلىرى، ئەدىبلىرى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى، يەنى، زىيا سەمەدى، زۇنۇن تېيىپوف، يۈسۈپبېك مۇخلىسى، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان كىشىلەر قاتارىدا 1961-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، ھاياتىنى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈپ، «ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى» دېگەن ئالىي نامغا سازاۋەر بولغان. ئۇ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى رەتلەش، لېنتىغا ئېلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان. ئابدۇرېھىم ئەخمىدى 1999-يىلى ۋاپات بولغان ئىدى

ความคิดเห็น • 2

  • @user-vt5kt5iq7l
    @user-vt5kt5iq7l 3 หลายเดือนก่อน

    Қайран муңлуқ нахшилиримиз ,әмгәклиримиз билән йәр аләмгә тонулған ишләмчан жапакәш хәлқим.