Yurtum Qaldi - Senuber Tursun ⎢ يۇرتۇم قالدى - سەنۇبەر تۇرسۇن

แชร์
ฝัง
  • เผยแพร่เมื่อ 25 ส.ค. 2024
  • (1937-يىلى ماخوسەن باندىتلىرى تەرىپىدىن گەنسۇغا ئېلىپ كېتىلگەن بىر خوتەنلىك قىزنىڭ ئاغزىدىن)
    1947-يىلى 12-دېكابىر، ئۈرۈمچى
    سەنۇبەر تۇرسۇندىن شېئىرنىڭ ناخشا بولۇشى ھەققىدە 2016 دېكابىردا دېگەنلىرى:
    مەن «قالدى»نىڭ تېكىستىنى «بۇلاق» ژورنىلىدىمۇ، قايسى بىر ژورنالدا «بۇ تېكست ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەمەس، ناسۇھا ئىمىننىڭ» دېگەن مەزمۇندىكى ئوبزور شەكىلدە يېزىلغان ماقالىدە كۆرگەن ئىدىم. بۇ تېكست ماڭا بەك تەسىر قىلغاچ، بۇ تېكىستنى ناسۇھا ئىمىننىڭ نامىدا كۆچۈرىۋالدىم. شۇ كۈنىلا ئاھاڭىنى ئىشلەپ چىقتىم، شۇ يەردە ئېيتىپلا ئاۋازغا ئېلىۋالدىم. كېيىن قايتىدىن تولۇقلاپ، بېيىتىپ ئىشلىدىم. ئۇ 2006-2007 يىللىرىغۇ دەيمەن. كېيىن يېقىنلىرىم بىلەن ئولتۇرغان سورۇنلاردا «مەن ناسۇھا ئىمىننىڭ شېئىرىغا مۇزىكا ئىشلىگەن، ئېيتىپ بېرەي» دەپ ئېيتتىم، ئۇلارمۇ ياخشى باھالارنى بەردى. بۇ ناخشىنى بۇلتۇر يازدا بۆرتالانىڭ چىندىن يېزىسىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن «دېھقانلار شادلىقى» پروگراممىسىدا ئېيتىپ چىقتىم، بۇلتۇر 7-8-ئاي مەزگىللىرىغۇ دەيمەن. بۇ ناخشىنى ئورۇنلاشتىن سەل بۇرۇن مەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراھمان ئەبەي ئاكا بىلەن كۆرۈشكەن، ئابدۇراھمان ئاكا ماڭا: «بۇ تېكىست ناسۇھا ئىمىننىڭ ئەمەس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىدى، بۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرلار توپلىمىدىمۇ بار» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن تېلېۋىزورغا بەرگەندە شېئىرى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ دەپ ئالدىم.
    مەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ توپلىمىدىكى بۇ شېئىرنى كۆرمەپتىكەنمەن، ناخشا تېكىستى بىلەن ئەسلى نۇسخىدا ئازراق پەرق بار ئىكەن، ئەمما بۇنى باشقىلار تەھرىرلەپ بەرمىگەن، مەن ژورنالدىن كۆچۈرىۋالغان نۇسخا بويىچە ئېيتقان. ئەگەر ئەسلىسىنى كۆرگەن بولسام «قالدى يۇرتۇم، قالدى تەختىم، قالدى مېنىڭ ھۆر جەننىتىم. ياۋ قولىدا قارا بەختىم، ئالتۇن بۆشۈك يۇرتۇم قالدى» دېگەن مىسرالار مەندىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. بەلكىم ژورنالدىكى ماقالىدە «ئەسلى ئاپتورى ناسۇھا ئىمىن» دەپ ئالغان بولغاچقا، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ توپلىمىدىكى نۇسخا بىلەن ئازراق پەرق بولسا كېرەك.
    بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى دۇتار، تەمبۇر، ساتار بىلەن چالدۇردۇم. ئىنىم ھەسەنجان ساتار، ھۈسەنجان دۇتار، ئالىمكامنىڭ ئوغلى شۆھرەت تەمبۇر چالدى. مەشىق جەريانىدا ئاۋال ئۇلارغا ناخشىنى ئۆزى يالغۇز ئېيتالىغۇدەك دەرىجىدە پىششىقلىغۇزدۇم. قەيەردە يۇمشاق ئالىمەن، مۇزىكىنى پەسرەك، بوشراق چېلىش، قەيەردە ساتار ئالدىغا چىقىش دېگەندەك ئىشلاردا ئۆزەم يول كۆرسەتتىم، ناخشامغا بويسۇنۇپ چېلىشقا يىتەكلىدىم. ئىلگىرى دەپ ئۆتكەندەك ئۆز-ئارا پاراڭلاشقاندەك چېلىش ئۇسۇلىنى مۇشۇ ناخشامدا قوللاندۇق. چۈنكى بۇ ناخشىنى باشقىلار تۇنجى قېتىم ئاڭلايدىغان بولغاچقا، مۇزىكا جەھەتتىمۇ سۈپەتلىك چىقىشى، باشقىلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلىشى، قايتا ئاڭلىغۇسى كەلگۈدەك بولۇشى كېرەك. مەن ناخشىنى شۇنداق لەرزان ئورۇنداشقا، ئاھاڭنىمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىشقا يىتەكلىدىم، خۇددى مېنىڭ سۆزلىرىم تەمبۇر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك چىقىرىشقا تىرىشتىم، تەمبۇرنى ئۆزەمگە ئەگەشتۈردۈم.
    ناخشىنى ئىلى ئوبلاستلىق ئۆمەكتە ئىشلەيدىغان ئابلىمىتجاننىڭ ئۆيىدە ئاۋازغا ئالدۇق. ئەڭ ئاۋال مەن ئۆزۈم يالغۇز دۇتار بىلەن ئېيتىۋەتتىم، چۈنكى ئاۋازغا ئېلىش ئۆيى بەك كىچىك، بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا ئادەم كىرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شۆھرەت مېنىڭ دۇتار بىلەن چالغىنىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ تەمبۇر بىلەن ئورۇنلىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ھۈسەنجان دۇتارنى، ھەسەنجان ساتارنى ئورۇنلىدى. ئۈچەيلەن چېلىپ بولغاندىن كېيىن مەن ئۆزەمنىڭ دۇتار مۇزىكىسىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇلار چالغان دۇتار، ساتار، تەمبۇر مۇزىكىسىنى بىللە قويۇپ يەنە بىر قېتىم ئېيتىپ چىقتىم. ئۈچىسىنى ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن بىراق قويۇپ ناخشىسىنى ئېيتتىم، ئاشۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى ھېساب بولدى. ھازىر ئاۋازغا ئېلىشتا ئاساسەن مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ، مۇشۇنداق ئالىدۇ. ئاۋاز تېخنىكلىرىمۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر ئۈچ چالغۇنى تەڭلا ئالسا بىر-بىرىگە تەسىر قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئەگەر شارا’ئىت بولسا ئۈچ سازنى تەڭ چېلىپ، مەنمۇ نەق شۇ ۋاقىتتقا ئېيتسام شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىيات تېخىمۇ ياخشى چىقاتتى دەپ قارايمەن.
    مەن ئەسلى شېئىرنى كۆرمىگەن، شۇڭا تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما ئوقۇش جەريانىدا شائىرنىڭ قانداق ھېسسىياتتا يازغانلىقى مەلۇم بولۇپ بولىدۇ. بۇ شېئىرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى ئابدۇراھمانكام تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن.

ความคิดเห็น • 14

  • @selimekamal2721
    @selimekamal2721 6 หลายเดือนก่อน +4

    Senuber wijdanliq,
    Exlaqliq ,talantliq sen’etkar.

  • @ilmirakurban8053
    @ilmirakurban8053 3 ปีที่แล้ว +6

    Hay güzel Ana yurtum ❤️😔

  • @user-yz4xs2ry7n
    @user-yz4xs2ry7n 2 ปีที่แล้ว +4

    🥺🥺🥺😭😭yana bir kurushka nisib kilgin ulug alla....watinim heyyyyyyyyy 👋👋👋👋👋☝☝☝☝☝👈👈👈👈👈

  • @user-sp5mn2ji7k
    @user-sp5mn2ji7k ปีที่แล้ว +3

    Оте жаксы , керемет, соз жок, кунде олендерин тындаймин

  • @user-bn1sb8ep1i
    @user-bn1sb8ep1i ปีที่แล้ว +3

    Санабар турсун гулжа олтушар махалада уйи бизнинг хушнимиз

  • @UYTUBE04112020
    @UYTUBE04112020 3 ปีที่แล้ว +3

    isil eyyyy👏👏

  • @selimekamal2721
    @selimekamal2721 2 หลายเดือนก่อน

    Bu naxshining tekisti
    Abdurehim Otkurning emes.
    Nasuha Damolla
    digen kishining.
    Mende Ispatliq material bar.
    Qiziqquchilar bolsa teminlep berimen.

  • @selimekamal2721
    @selimekamal2721 3 หลายเดือนก่อน

    Bu naxshining tekisti Abdurehim Otkurning emes.
    Nesuga Imin digen kishining.
    Sheir
    1928- yili yezilghan.
    Abdurehim oktur
    1923-yili tughulghan.

  • @user-wk9un4by3s
    @user-wk9un4by3s ปีที่แล้ว +1

    نايىتى گۇزال ناقشا

  • @tutak1
    @tutak1 7 หลายเดือนก่อน

    Çok yaxshi bir nahsha. Çok güzel bir türkü. Lehçe si farklı diyorlarda ben hiç fark etmedim.

  • @user-xw1ps9zs9f
    @user-xw1ps9zs9f 2 ปีที่แล้ว +2

    Abderim otkur dadimiz nima degan isil yazgan sozini 👍👍👍😘

    • @selimekamal2721
      @selimekamal2721 3 หลายเดือนก่อน

      Bu naxshining tekisti
      Abdurehim otkurning emes.

  • @lajustice6890
    @lajustice6890 ปีที่แล้ว

    ❤😢🙏🤲

  • @melikeahmet5301
    @melikeahmet5301 14 วันที่ผ่านมา

    يۇرتۇم قالدى
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
    مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلەر،
    قىزىل گۈلدەك باغلار قالدى.
    ئىگىز- ئىگىز خۇش چىرايلىق،
    ياقۇت تاشلىق تاغلار قالدى.
    بۇغا- مارال، تاغدا پادا،
    ئوتلاپ يۈرگەن سايلار قالدى.
    تاغ باغرىدا سەكرەپ ئويناپ،
    بۇتلاق ئوغلاق تايلار قالدى.
    سۇ بويىدا شىلدىرلىشىپ،
    تازىم قىلىپ باش ئېگىشىپ،
    مەن ماڭغاندا ئۇز ئۇچۇشۇپ،
    لەيلى- مەجنۇن ، تاللار قالدى.
    چۇرۇق چۇرۇق ئويناۋاتقان،
    شىلدىر- شىلدىر بويلاۋاتقان،
    ئاق كۆمۈشتەك چاقناۋاتقان،
    بالدىن تاتلىق سۇلار قالدى.
    ئۇزۇن كوچا، ئايدىڭ كېچە،
    بۇلاق بويلاپ باغچە - باغچە،
    يۇلتۇز ساناپ تاڭ ئاتقۇچە،
    ئويناپ يۈرگەن جايلار قالدى.
    ئويناپ كۈلگەن جايلار قالدى.